باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئورلاند بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.01 16:29   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئورلاند بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 30-ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، پارىژدىكى ئېلىسى سارىيىدا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئورلاند بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ ئاۋۋال رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئورلاند زۇڭتۇڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى بىلەن ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي ئىشەنچ يۇقىرى سەۋىيەلىك بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى مول، ئەل ئارىسىدىكى دوستلۇقمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئورتاق مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو فرانسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل ھەمكارلىشىشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىشنى ھەمدە دۇنيا تېنچلىقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىىياتى مەسىلىسىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ