- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى سۆھبىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك
2015.07.01 16:25 مەنبە: خەلق تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 29-ئىيۇن بېريۇسسېلدىكى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش شىتابىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ژۇنكېر بىلەن بىلەن 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: زۇڭلى لى كېچياڭ تۇسىك (ئوڭدىن 1-كىشى) ۋە ژۇنكېر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنلتىقى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، بېريۇسسېلدىكى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش شىتابىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ژۇنكېر بىللەن بىللە 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقى كۈنسايىن كۈچەيدى، ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوخشاش، مەدەنىيە ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالاقىسى يېقىن، شۇڭا بۇنداق توغرا ۋەزىيەتكە بېقىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھالقىپ مېڭىشتا دادىل بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە يېڭى ۋەزىيەت بەرپا قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر