باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقايلىقلارنى«پەرىشتە»يۆلىدى

2015.06.30 09:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز.ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زۇلپىيە غاپپار:6-ئاينىڭ22-كۈنى شايار ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا يار-يۆلەك كەنتىگە پۇل ئېئانە قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.نەق مەيداندا دوختۇر- سېستىرا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جەمئىي 10مىڭ يۈەن ئېئانە قىلدى.دوختۇرخانا رەھبەرلىكى بۇ پۇلغا دوختۇرخانا مالىيەسىدىن 5مىڭ يۈەن قوشۇپ،بۇ دوختۇرخانىنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەتىرتى تۇرۇشلۇق قايلور يېزا توقاي كەنتىگە بېرىپ،كەنتنىڭ يىل ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىدىغان «گۈزەل يېزا،ئىناق ئائىلە»تېمىسىدىكى ئەمگەك مۇسابىقە پائالىيىتىگە ئىشلىتىشى ئۈچۈن كەنت مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.ئارقىدىن دوختۇرخانا مەسئۇللىرى كەنتتىكى دېھقانلارغا ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتۈپ،روھىدىكى كېسەللىكنى ساقايتىش توغرىسىدا ئاممىباپ تىلدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.لېكسىيە جەريانىدا، ئەسەبىيلىك ۋە قانۇنسىز دىننىي ھەركەتنىڭ ئىپادىللىرى ھەققىدىكى ساۋاتلاردىن مۇكاپاتلىق زېھن سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ،دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قانۇن،قائىدە-تۈزۈم ھەققىدىكى تونۇشىنى يۇقۇرى كۆتۈردى.دوختۇرخانىنىڭ خالىس كېسەل كۆرۈش ئەتىرتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەشۈرۈپ،سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ،بۇنىڭغا قارتا دورا بەردى.103ياشلىق ھىمىت بوۋاي ئىشىكى ئالدىدىلا دوختۇرلارغا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ،ئىنتايىن خۇرسەن بولدى.قايلور يېزا توقاي كەنتىدىن ھىمىت مىجىت مۇنداق دېدى:«دوختۇرلار كەنتىمىزگە كېلىپ،كېسىلىمىزنى تەكشۈرۈپ،كېسىلىمىزگە قارتا دورا بەرگەنلىكىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم»

  بۇ دوختۇرخانا يەنە كەنت كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «گۈزەل يېزا،ئىناق ئائىلە»تېمىسىدا ئورما ئورۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.35نەپەر ئەر-ئايال دېھقان ماھىر ئەرلەر گوروپپىسى ۋە ئاياللار گوروپپىسىغا ئايرىلىپ،بۆلۈنگەن دائىرنى تېز ھەم سۈپەتلىك ئورۇپ بولۇش شەرتى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.ئەر ۋە ئايال ماھىرلار مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنىڭ دېھقانغا خاس ئەمگەكچان،باتۇر،باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى شەرەپ بىلىدىغان ئاق كۆڭۈل روھىنى نامايەن قىلدى.ئاخىردا ئەر-ئاياللار گوروپپىسىدا لوقمان راشى بىلەن نۇرگۈل قۇربان 1-لىككە ئېرىشتى.

  قايلور يېزا توقاي كەنتىدىن لوقمان راشى مۇنداق دېدى:«بۆگۈنكى ئورما ئورۇش مۇسابىقىسىدە 1-بولدۇم.بىز دېھقان،ئەمگەك بىلەن جان باقىدىغان ئادەملەر بولغاندىكىن،ئەمگەكنى قەدىرلەپ،ئەمگەكتە ئالدىدا ماڭمىساق بولمايدۇ.ئەمگەكنى ھەممىمىز سۆيۈشىمىز كېرەك».

  قايلور يېزا توقاي كەنتىدىن تۇنياز ھىمىت مۇنداق دېدى؛«ئائىلىمىزدە ئەمگەك كۈچى يوق ئىدى.بۆگۈنكى بۇغداي ئورۇش مۇسابىقىسى ئارقىلىق،ئۈچ مو بۇغدۇيۇمنى ماھىرلار ئورۇپ بەردى.مۇسابىقە تەشكىللىگەن كەنت ۋە خىزمەت گوروپپىسىغا،مۇسابىقىگە قاتناشقان يۇرتداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت».

  مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ئازۇت،نەق پۇل ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىپ،ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى.بۇ كۈندىكى لېكسىيە ۋە زېھىن سىناش پائالىيىتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ روھىدىكى ۋىروس تازلانسا،خالىس سالامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە جىسمانىي جەھەتتىكى كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشىغا ئاساس سېلىندى.ئەمگەك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئىرادىسى تاۋلىنىپ،ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ،ئىناق،بەختىيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسى ئاشتى.

  ئىگىلىنىشچە،بۇ دوختۇرخانا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ كەنتكە كۆپ قېتىم بېرىپ ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گوروپپىسى ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەپ،نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.12قېتىم خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ،مۇشۇ جەرياندا 2400ئادەم(قېتىم)نىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ،25مىڭ يۈەنلىك دورىنى ھەقسىز بەرگەن.17مىڭ يۈەنگە بىر دانە شاخ توغراش ماشىنىسى،بىر دانە دورا چېچىش ماشىنىسى ،15مىڭ يۈەنگە بىر دانە ئېلىكتىرونلۇق پىئانىنو ۋە ياڭراتقۇ ئېلىپ بېرىپ،كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا مەلۇم دەرىجىدە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر