باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەسپى مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى

2015.07.01 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15-سانلىق يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 29-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا كەسپى مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

  بۇ يىل 3-ئايدىن بەشىنچى ئايغىچە ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جىلىن، جياڭسۇ، خېنەن قاتارلىق 8 جايدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ كەسپى مائارىپ قانۇن نىزاملىرى ۋە تۈزۈمى تەدرىجى مۇكەممەللەشتى، كەسپى مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كەسپى مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ناھايىتى ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى.

  ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتى، ئالايلۇق كەسپى مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇش يېتەرسىز بولۇش، يېزا ئىگىلىك كەسپى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغىچى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولۇش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كەسپىلىرى ئاز بولۇش ۋاھاكازلار.

  بەزى جايلارنىڭ كەسپى مائارىپقا سېلىنما سېلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئاران نورمال يۈرۈشۈشكىلا كاپالەتلىك قىلىدۇ. جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا رايونلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپى مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققي قىلىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر