باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ -قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 1-ئىيۇل رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ

2015.06.30 16:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول — ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 1-ئىيۇل پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى جايغا بېرىپ -كېلىشتە ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى -كورلا، كۇچا-ئاقسۇدىن كېيىنكى يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ ئېچىلىشى جەنۇب بىلەن شىمالنى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇردى. شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە پۈتۈن مۇساپىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بار بولدى.

  مۇخبىرنىڭ 29-ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىن ئىگىلىشىچە، 428.493 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاقسۇنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، ھازىر ياسىلىۋاتقان كۇچا-ئاقسۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتۇشۇپ، چىلان، ئاچال، ئاچال بازىرى، شېكەر كۆل، ئاتۇشتىن ئۆتۈپ قەشقەرنىڭ شىمالىدا ئاخىرلىشىدىكەن. پۈتۈن مۇساپىدە قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 28 مېتىر كېلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر