ئۈرۈمچى چىداۋان جەنۇبىي يولىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 28-ئىيۇن سەھەر سائەت 5:20 لەر ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، 60 قا يېقىن ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەندە بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 500 گە يېقىن ئاپتوموبىل بار بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئۈچ ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ 68 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە 14 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تىرىشىشى بىلەن شىددەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈۋېلىغان.
بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوت كەتكەن كۆلەم 400 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، ئوت كەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچسى بىراك قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوموبىللار بولۇپ، بۇ يەرگە توختىتىلغىنىغىمۇ خېلى ۋاقىت بولۇپ قالغانىكەن. نۆۋەتتە، ئوت كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.