باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ب د ت نىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىدىكى ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى قارشى ئالىمىز

2015.07.01 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 29-ئىيۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دارفوردىكى ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2016-يىلى 30-ئىيۇنغىچە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۇداننىڭ دارفور مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدۇ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفورنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىيىتىنى، دارفور رايونىنىڭ سىياسىي مۇساپىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى مەدىھلەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت دارفور رايونى مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنى بولۇپمۇ دارفور رايونىدىكى ئاسىي ئارمىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ھەل قىلىش يۆلىنىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «دەۋھە دارفور تىنچلىق ھۆججىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشى ھەمدە تىرىشىپ دارفور رايونى مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، دارفور رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىشىنى دەۋەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر