باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئون قىسىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو كىنوسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىندى

2015.06.30 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق 1-سەپتىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى سىيۇژىت قىلىنغان ئون قىسىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو كىنوسى بەش ئاي سۈرەتكە ئېلىنىش ئارقىلىق يېقىندا تاماملاندى ،بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مى نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو كىنوسىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى شۇكى ، بۇنىڭدا ھەقىقىي ئادەم ، ئەمەلىي ئىش ، راست مەنزىرە رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنغان، يېزىلاردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشلامچىلىرى باش رول ئالغان ، دېھقانلار ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆزى ئالغان، ئۇ قويۇق يەرلىك پۇراققا ۋە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولغان پەيتتە ، يېزا ئاساسىي قاتلامدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە ياشلارنىڭ تەسىرلىك ھېسسىياتى ۋە قىممەتلىك پەزىلىتىنى قېزىش ۋە تاۋلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يېزىلاردا يىلتىز تارتىش، پەن تېخنىكا ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىلغار ئىش – ئىزلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئاساسىي قاتلام پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيۈش، يېزىلارغا تۆھپە قوشۇشتەك ياخشى ئوبرازى تىكلەپ بېرىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە قىممەتلىك روھى نامايان قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، «جۇڭگو ئارزۇسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ قوشۇلىدۇ.

  يېقىندا، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەدەبىيات-سەنئەت مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، « يېزا-كەنت ھېسسىياتى، پەن-تېخنىكا ئارزۇسى » پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو كىنو كۆرۈش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو كىنو ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنىڭدەك دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر