باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى

2015.06.26 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  لى كېچياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 25- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زەھەر چەكلەشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى ئەۋلادلارغا بولىدۇ. زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، زەھەر چەكلەشنى قەتئىي ئىجرا قىلىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل پوزىتسىيەسى ۋە تەشەببۇسى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە تىكلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، قەتئىي زەربە بېرىش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىر نەچچە تەدبىر تەڭ قوللىنىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تارماقلار ماسلىشىش، جەمئىيەت بىرلىكتە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەشتە قەتئىي يۈز خاتىرە قىلماي، قەتئىي بوشاشماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، غەلىبە قىلمىغىچە بولدى قىلماسلىق كېرەك.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر