خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن، شىنجاڭ باغراش كۆلىدە بەش دانە قارا ئاققۇ سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە ئوزۇق ئىزدەپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك بىنەم يەر باغچىسى پىلانى سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇش ۋە قوغداش كۈچىنى ئاشۇرغانلىقتىن، بىنەملىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى قوغداشقا ئېرىشتى، بىنەملىكتىكى پەسىل قۇشلىرىمۇ كۆپەيدى، باغراش كۆلىدە 120 تۈردىن ئارتۇق ياۋا قۇش بار بولۇپ، ئېلىمىزدىكى مۇھىم بولغان ياۋا قۇشلار ئارام ئالىدىغان جايلارنىڭ بىرى، ئەمما، قارا ئاققۇنىڭ باغراش كۆلىدە توختىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش.ئىگىلىنىشىچە، قارا ئاققۇ ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئاققۇلار جەمەتىدىكى مۇھىم بىر ئەزا، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق قۇش.
ئۇلار ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىلاندىيەگە تارقالغان. شىنجاڭ رايونىدا قارا ئاققۇنىڭ كۆرۈلۈشى ھەقىقەتەنمۇ كەم ئۇچرايدىغان مەنزىرە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى