باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىللىق پىلان بويىچە 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2015.06.18 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئېلىنىدۇ. ئۈرۈمچىدە جەمئىي 5265 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.

  شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىچكىردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما جۇڭخۇانىڭ تونۇشتۇرشىچە، 2015-يىلى ئۈرۈمچىدە جەمئىي 8 ئىمتىھان ئېلىش ئورنى، 219 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان. ھەر يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپدىكى ئۈرۈمچىلىك ئوقۇغۇچىلار ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈش نىسبىتى 95% دىن 96%غىچە بولغان. ئۈرۈمچىلىك ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە، 2014-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەنلەرنىڭ سانى 430 ئادەم، مۆلچەرلىنىشىچە 2015-يىلى 450 ئادەم ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتەلەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 9880 ئادەم بولۇپ، يەرلىكتىن 9530 سان، بىڭتۈەندىن 350 سان قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 9880 ساندا مۇقۇملىشىپ، تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنمايدىكەن. 2002-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئىچكىرىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرى %70دىن ئاشقان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر