باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ تارقاتقان «لايىھە» دە مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ

2015.06.18 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەستىق سېلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن «قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە «لايىھە» دەپ قىسقارتىلدى) نى تەستىقلاپ تارقاتتى. 2015-يىلى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا بىرلىككە ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمىنى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغانىدى، بۇ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىدۇر، شۇنداقلا سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش» ، «بىر كېنىشكىنىڭ بىرلا كودى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى سەرتىدۇر.

  «لايىھە» مۇنداق دېيىلدى: مەملىكىتىمىزنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرى بىلەن باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ «تەرەپ-تەرەپتىن كود بېرىش»، «كۆپ خىل كود تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» ھادىسىلىرى ئۇزاق يىلدىن بېرى ساقلىنىپ كەلدى، بۇ نۇرغۇن مەسىلىنى پەيدا قىلدى. بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش – قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن باشقا تەشكىلاتلارغا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بىرلا كود، يەنى «كىملىك نومۇرى» ئىشلەتكەنگە باراۋەر. تەرەپ-تەرەپتىن كود بېرىشنى مەنبەدىن تۈزەش، كۆپ قېتىم بېجىرىشنى بىرلا قېتىم بېجىرىشقا ئۆزگەرتىش، كۆپ خىل كودنى بىرلا كودقا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن باشقا تەشكىلاتلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە تىزىملىتىش ئىشلىرىغا زور قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا تارماقلار ئارا ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەننەرخنى تىجەپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويىۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر