- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ ياڭ بىرازىلىيە -جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
2015.06.30 09:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئۈلۈشكۈن سان پاۋلودا بىرازىلىيەدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تېز يولغا كىردى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ. ئالاقىدار تارماقلار بىرازىلىيە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ، كارخانىلار يىراققا نەزەر تاشلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ تەڭ پايدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر