باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېگرىدا يىلتىز تارتقان لى بىڭفا

2015.06.30 09:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبرىىمىز مۇنىرىدىن تۇنياز، تودى راخمان،ئامانگۇل خەۋەر قىلىدۇ : خېنەندىن ئونسۇ ناھىيە تالاي بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان لى بىڭفا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ شىپاخانا سېلىپ، كېسەل داۋالاپ، دوختۇرلارنىڭ كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنى ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايەن قىلدى.تىۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن 45 ياشلىق لى بىڭفانىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۈچ ئەۋلاد دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، لى بىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىدىن تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن ئىدى.كېيىن خېنەن تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ جۇڭگو تىبابەتچىلىكىنى تېخىمۇ سېستىملىق ئۆگەندى، ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى. 2006-يىلى 5-ئايدا، لى بىڭفا ئونسۇ ناھىيە تالاي بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەندە، بىر تۇغقىنى ئاغرىپ قالىدۇ، يېقىن ئەتراپتا دوختۇرخانا بولمىغانلىقتىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ داۋالىتىدۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا شىپاخانا قۇرۇپ، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالىلەرنى داۋالاش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. بىراق لى بىڭفانىڭ بۇ خىيالى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، بىراق ئۇ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇق – تۇغقان دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئالغان 200 نەچچە مىڭ يۈەننى ئېلىپ ئۆزى يالغۇز تالاي بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ھەمدە بالىلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.تالاي بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى شىپاخانىسىسىنىڭ باشلىقى لى بىڭفا مۇنداق دېدى :«شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قەدىر - قىممىتىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  بۇ يەرگە يېڭىدىن كەلگەندە تىل بىلمىگەنلىكتىن، بىمارلار بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالماي داۋالاش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم. ئايالىم ۋە بالىلىرىم بۇ يەرگە كۆنەلمەي كېتىمىز دەپ جېدەل قىلدى، ئەمما بۇ يەردە دوختۇرخانا يوق، بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتە قىينىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمەسلىككە نىيەت باغلىدىم، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارمۇ كۆنۈپ قالدى، بۇ جەرياندا يەرلىك ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتىم».

  مانا، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىلگىرى ئۇ 140 كۋادىرات مېتىرلىق ئامبۇلاتورىيەدە كۈنىگە 40 نەچچە كېسەل كۆرگەن بولسا، ھازىر كۈنىگە 100دىن ئارتۇق بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆردىغان بولدى، ھەمدە ئامبولاتورىيەنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ 200 كۋادىرات مېتىرغا يەتتى.

  مەيداندا شىپاخانا بولغاندىن كېيىن، دېھقانلارغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مەيدان ئاھالىسى ھۆرىخان نىياز ئىلگىرى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن 100 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرەتتى، ھازىر ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا كېسىلىنى كۆرسىتىپ داۋالىنالايدىغان بولدى.ھۆرىخان نىياز مۇنداق دېدى :«بۇ يەردە 3 قېتىم كېسەل كۆرسىتىپ داۋالاندىم، لى دوختۇر ياخشى داۋالايدىكەن،باسقۇچلۇق داۋالانغاندىن كېيىن سالامەتلىكىم خېلىلا ئەسلىگە كەلدى».

  10 يىلدىن بۇيان، لى بىڭفا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، 10مىڭغا يېقىن دېھقان - چارۋىچىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر