باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دۆلەت پېپتىدى»غا تۇتاشقان ساغلاملىق يولى

2015.07.01 17:18   مەنبە: خەلق تورى

«دۆلەت پېپتىدى»غا تۇتاشقان ساغلاملىق يولى

  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: 13 – ئىيۇن شىنجاڭ «تەيئەيتەي ئائىلىسى» دىكىلەر ئۈچۈن قوش خۇشاللىق كۈن بولدى، چۈنكى بۇ كۈنى بېيجىڭ شەھىرى توڭجوۋ رايونلۇق سانائەت تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ خەيدېرۇن دورا ياساش چەكلىك شىركىتىدە شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ۋە شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇراسىمغا شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنىڭ 8 – ئىيۇندىن بۇيان بېيجىڭدا تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 50 تىن ئارتۇق خادىمى، بېيجىڭ خەيدېرۇن دورا ياساش چەكلىك شىركىتى، دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى، خادىملىرى ۋە پايتەختتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ دائىمىي مۇدىرى ھەبىبۇللا غوجى، جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كاتىبات باشلىقى تۇراپ بارات، جۇڭگو مىللەتلەر تىل تەرجىمە ئىدارىسى (مەركىزى) نىڭ سابىق ئىشخانا مۇدىرى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كاتىبات باشلىقى ھېيت مەمەت، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت تەتقىقات فوندى ھېسام چاقچاق تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ ھېسام چاقچاق ماركا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، يىپەك يولى خەلقئارا گۇرۇھى جۇڭگو چەكلىك شىركىتى ئىجرائىيە لېدىرى مەھمۇد ھېسام قاتارلىقلار ھەم خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا زىيارەتكە بارغان تاراتقۇلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  مۇراسىمدا دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ، جۇڭخۇا پېپتىد تەتقىقاتخانىسىنىڭ كىچىك مولىكولالىق پېپتىد مۇتەخەسسىسى جاۋ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى:

  ــ شىركىتىمىز شياڭگاڭ جۇڭگو خېڭتەي خەلقئارا پاي كونترول گۇرۇھى قارىمىقىدىكى پېپتىد تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىرگەۋدىلەشكەن كارخانا بولۇپ، رىزۋانگۈل ئابلېز خانىم باشچىلىقىدىكى تەيئەيتەي كوللىكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشالىغىنىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمىز. شىركىتىمىز خەلقئارا كارخانا مەدەنىيىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر تېخنىكا تەتقىقاتخانىسى قاتارلىق نوپوزلۇق ئورگانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەدىكى كىچىك مولىكولالىق پېپتىدلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەم 10 نەچچە تۈرلۈك پاتېنىتقا ئېرىشتى. شىركىتىمىز خېيلوڭجياڭدا كىچىك مولىكولالىق پېپتىد نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ، شەندۇڭ، سىچۈەن، خۇنەن قاتارلىق رايونلاردا نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ماددىي ئەشيا ۋە سېتىش بىرگەۋدىلەشكەن تېخنىكا باغچە رايونى بەرپا قىلدى.

  جاۋ خۇڭشىڭ ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ھەم شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. رىياسەتچىنىڭ تەكلىپى بىلەن، قانۇن ئىلمى قوش ماگىستىرى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى، شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ TITM خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، دۇبەي يېشىل ھايات ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېز خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

  ــ ھەربىر ئىنساننىڭ زېممىسىگە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن بولىدۇ. بىز ئەنە شۇ مەسئۇلىيىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تۇنۇتىشىمىز كېرەك. كارخانىمىزنىڭ ھازىرقى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىگە ساغلاملىق ئاتا قىلىش. بىز شۇ يولدا تىرىشىۋاتىمىز ھەم داۋاملىق تىرىشىمىز.

  كوللىكتىپىمىزدىكى 50 تىن ئارتۇق خادىم بىلەن 8 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە «ئاشلىقنى تەرك ئېتىپ كۈتۈنۈش پاراسىتى» كۇرسىغا قاتناشتۇق. بۇ قېتىمقى كۇرس بىز ئۈچۈن ھەم كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ھەم تەن ۋە روھنى چېنىقتۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت بولدى. بىز ھازىر ساغلاملىقنىڭ يىپ ئۇچىنى، كېسەللىكنىڭ ماھىيىتىنى تاپتۇق ھەم خەلقنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشتۇق. ھەرقانداق تىرىشچانلىق خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا نەتىجىسىز قالىدۇ. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە، خەلقنىڭ قوللىشىدا مەلۇم نەتىجە ياراتتۇق. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان 350 تىن ئارتۇق تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتىد مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىكى 2000 غا يېقىن خادىملىرىمىز ئەل ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلماقتا. مانا بۈگۈن بېيجىڭدا ئۆزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار بولدى. ئەلۋەتتە ئىزدىنىشىمىز بۇنىڭلىق بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. جېنىمىز تېنىمىزدىلا بولىدىكەن، خەلق ساغلاملىقى يولىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز.

  رىزۋانگۈل ئابلېزدىن كېيىن، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى، قانۇن ئىلمى ماگىستىرى، شياڭگاڭ جۇڭگو خېڭتەي خەلقئارا پاي كونترول گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى، خېڭتەي بيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، دۇڭيىڭ خەنخې نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتى، جۇڭخاۋ جيايې مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ لېدىرى جاڭ خېڭ سۆز قىلىپ، شىنجاڭ «تەيئەيتەي ئائىلىسى» دىكىلەرنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدا رىزۋانگۈل ئابلېز خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلىدى ھەم ئىككى شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىغا ئۇتۇقلار تىلىدى.

  مۇراسىم ئاخىرىدا، تۇراپ بارات ئەپەندى مۇنداق دېدى:

  ــ ئالدى بىلەن شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى بيو تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ شىركەت قۇرۇلغىلى ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، قىسقىغىنە ئىككى يىلدا ئەل ساغلاملىقى يولىدا نۇرغۇن تۆھپە ياراتتى. ئىچكى ئۆلكىدىكى نۇرغۇن كارخانىچىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ زاۋۇت قۇرغىنىنى ئاڭلىغان، لېكىن شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ زاۋۇت قۇرغان مىللىي كارخانىچىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. مەنمۇ بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئەسلى «ئالتە يۇقىرى» كادىر ئىدىم، يەنى بەدىنىمدە قان بېسىم، تىرانسئامىنازا، قان يۇقىرى زىچلىقى ۋە تۆۋەن زىچلىقى، قان قەنتى، تىرىگلىتسېرىد قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرىلىق ئالامەتلىرى بار ئىدى. مەن تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتىدنى ئىستېمال قىلىپ بىرمەزگىلدىن كېيىن، دوختۇردا تەكشۈرۈتتۈم، نەتىجىدە يۇقىرىقى ئالامەتلەر تامامەن يوقاپتۇ. ھازىر تامىقىم، ئۇيقۇم ناھايىتى ياخشى.

  مۇراسىمدىن كېيىن، رىزۋانگۈل ئابلېز خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

  ــ شىركىتىمىز كوللاگېنلىق پېپتىدنى 2013 – يىلى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ بازىرىغا ئەكىرگەندىن باشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، زاۋۇتلىرى بولسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە ئىدۇق، بىز بۇ ھەقتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق، بىراق تېز سۈرئەتتە GMP ئۆلچىمىگە يەتكەن، تۈرلۈك رەسمىيەتلىرى تولۇق زاۋۇتنى قۇرۇپ چىقىش ئاسانغا توختىمايدىكەن. ئەلۋەتتە، بىز ھازىرمۇ شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇشتىن ۋاز كەچمىدۇق ھەم ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز.

  بىز شىنجاڭدىكى زاۋۇت پۈتكىچە ۋاقتىنچە تۈرلۈك ئۆلچەملىرى لاياقەتكە توشقان بىرەر زاۋۇت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلىدۇق ھەم بىر ئايغا يېقىن ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ۋە كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بېيجىڭ خەيدېرۇن دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنى بېكىتتۇق، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىككى قەۋەت رايونىنى سېتىۋېلىپ، «دۆلەت پېپتىدى» ماركىسىدىكى كوللاگېنلىق پېپتىدلىرىمىزنى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدۇق. بېيجىڭدا تۈرلۈك ئۆلچەملەر يۇقىرى، تەرتىپلەر چىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ خەيدېرۇن دورىگەرلىكى تارىخى ئۇزاق، داڭلىق دورا ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى، شۇڭا خەلقىمىزگە تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە بۇ زاۋۇتنى تاللىدۇق.

  بۇ قېتىم ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ دالتۇن سانى تېخىمۇ كىچىكلىدى، يەنى ئىلگىرىكى 3000 دالتون بولسا، قايتا – قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى 1000 دالتونغا تۆۋەنلەتتۇق، پېپتىدنىڭ دالتون سانى قانچە تۆۋەن بولسا، سۈمۈرۈلۈشى شۇنچە تېز بولىدۇ. بىز تۇنجى تۈركۈم مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپلا تەكشۈرۈشكە بەرگەنىدۇق. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مەھسۇلاتىمىزغا «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - ئاۋغۇست گىمناستىكا ئەترىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەھسۇلات»، «مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەھسۇلات» قاتارلىق كاتتا شەرەپلەرنى بەردى.

  ئۆز قولىمىزدىن چىققان بۇ مەھسۇلاتنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتۇق. ھازىر خۇش خەۋەر كۈتۈۋاتىمىز. خەۋەر كەلسىلا بۇ يېڭى مەھسۇلاتلىرىمىز چەت ئەللەرگە چىقىرىلىدۇ. ھازىرچە زاۋۇتنىڭ ئىككى قەۋىتى، يەنى بىر ئىشلەپچىقىرىش، ئوراپ قاچىلاش لىنىيەسىنىلا سېتىۋالغاچقا، بىر تۈرلۈكلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. ھازىر تەتقىق قىلىپ پاتېنىت ئېلىپ بولغان تۈردىن سەككىزى بار، قۇربىمىز يەتكۈدەك بولسا، زاۋۇتنىڭ يەنىمۇ كۆپ سېخلىرىنى سېتىۋېلىپ ياكى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇپ، قالغان تۈرلەرنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق.

  ھازىرقى بازار ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتلىرىمىزغا ساختىلىقتىن پەرقلەندۈرۈش، تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قوشتۇق. شىركىتىمىز نۆۋەتتە ھېچقانداق مەھسۇلات ياكى شىركەت تەشۋىق قىلىنمايدىغان، تېلېفون ۋە توردا كېسەللىكتىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدىغان سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىمىز، بەش قەۋەتلىك بىر بىنانى بېزەپ ھازىرلىدۇق، ھازىرچە 20 مۇتەخەسسىس تەييار بولدى، ئەلۋەتتە بۇ ئىشلىرىمىز روياپقا چىقىپ، رەسمىي يۈرۈشۈپ كەتسە، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىمىز يەنىمۇ كۆپىيىدۇ. ئاخىرقى مەقسىتىم، شىنجاڭ خەلقى بىزنىڭ پېپتىد مەھسۇلاتلىرىمىزنىمۇ ئىچمەي، ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى، كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى، روھىي ھالەتلىرى بىلەن ساغلام ياشايدىغان، ساغلام قېرىيدىغان ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ خەيدېرۇن دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى نامى بېيجىڭ دورا ياساش 8 – زاۋۇتى بولۇپ، 1997 – يىلى نويابىردا پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرقى شىركەت نامىنى قوللانغانىكەن. بۇ شىركەتنىڭ باشقۇرۇلۇش تۈزۈمى مۇكەممەل، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى ئۆلچەملىك، مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ئىكەن.

  شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باينغولىن شۆبىسى چەرچەن ناھىيە ۋاكالەتچىسى بۇئايشەم سەلەي مۇنداق دېدى:

  ــ شىركەت ئۇيۇشتۇرغان بەش كۈنلۈك كۇرستا كوللىكتىپىمىزدىكى 50 تىن ئارتۇق خادىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكلىشىدە، «ئاشلىقنى تەرك ئېتىپ كۈتۈنۈش پاراسىتى» مەشقلىرىنى قىلىپ، نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر بولغانىدى. مانا ئەمدى پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆز زاۋۇتىمىز، ئۆز شىركىتىمىز، ئۆز ماركىمىزدىكى پېپتىدلار ۋۇجۇدقا كەلدى. كوللىكتىپىمىز ئۆزئارا زىچ ئۇيۇشۇپ، نىشان يولىدا توختاۋسىز تىرىشىدىغانلا بولسا كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئىشەنچىم تولۇق.

  دەرۋەقە، شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى زورايدى. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان كوللاگېنلىق پېپتىدلارنىڭ خام ئەشياسى، تەركىبى ۋە قوشۇلغان خۇرۇچلىرى، ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى. شىركەت يەنە ياپۇنىيەدىكى بىردىنبىر ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان ياپونىيە ئۇمېكېن (umeken) پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو، تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى باش ۋاكالەتچىلىكىنى ئالدى ھەم تۈر توختاملىرىنى ئىمزالىدى. بۇ شىركەتنى ياپونىيەدە 200 يىلدىن ئارتۇق دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ساكاموتو ئائىلىسى 1978 – يىلى ئوساكا شەھىرىدە قۇرغان. بۇ شىركەت ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ GMP، FDA ئۆلچەملىرىدىن ئۆتۈپ خەلقئارالىق چوڭ شىركەت قاتارىغا كىرگەن، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، نۇرۋىگىيە، كورىيە، مالايشىيا، تايلاند، ۋىيېتنام، ھېندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماق شىركەتلەرنى قۇرغان.

  تىرىشقان داۋان ئاشار، دەيدۇ كونىلار. شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى يولىدا ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى. شىركەت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەل ساغلاملىقى ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدەنگۈسى.

  مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…