- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئائىت ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى 87 مىليون 793 مىڭغا يەتتى
2015.06.30 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 87 مىليون 793 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %1.3 ئاشقان. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 360 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %1.3 ئاشقان. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلگەن، پارتىيە ئورگانىزمى بىلەن ھاياتىي كۈچى ئۆزلۈكسىز ئاشقان.
2014-يىلى، مەملىكەت بويىچە 2 مىليون 57 مىڭ پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن 351 مىڭى ئازايغان. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 35 ياش ۋە بۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 1 مىليون 693 مىڭ كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزاسى ئومۇمىي سانىنىڭ %82.3 نى ئىگىلىگەن. تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم ۋە بۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 797 مىڭ كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزاسى ئومۇمىي سانىنىڭ %38.8 نى ئىگىلىگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر