خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 29- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بىريۇسسىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇڭكې بىلەن جۇڭگو- ياۋروپا سودا- سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ياۋروپادا ئوڭۇشلۇق زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ«تىنچلىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، مەدەنىي بولۇش»تىن ئىبارەت ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى توغرىسدا مۇھىم ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدى. يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا جۇڭگو- ياۋروپا رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر تاشلاپ، قەدەمنى پۇختىلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، بۇنى ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قاراپ كەلدى. دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان ۋە چېكىنىۋاتقان بېسىم ئالدىدا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ، ئىچكى جەھەتتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يۈرگۈزۈپ، تاشقى جەھەتتە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئېشىپ قىلىش بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پايدا ئۇچرىشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەمكارلىق تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى