باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

57 مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى « ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى»نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.07.01 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ 57 مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى 29-ئىيۇن بېيجىڭدا« ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى»نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تەسىس قىلىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يۈرۈشلەشتۈرۈشتە ھەرقايسى تەرەپلەر رائىيە قىلىدىغان ئاساسى چوڭ قانۇننىڭ بار بولغانلىقىدىن، قۇرۇش تەييارلىقىدا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ھەرقايسى تەرەپلەر ئىمزالىغان ئاسىيا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى جەمئىي 11 باپ 60 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنڭ باش مەقسىتى، ئەزالارنىڭ سالاھىيىتى، پاي ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى قاتارلىق يادرولۇق ئامىللار بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ رەسمى قۇرۇلۇشى ۋە بالدۇرراق ئىشقا كىرىشىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم قانۇنى ئاساس سېلىپ بەردى.

  كېلىشمدە بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە جۇڭگو 29 مىليارد 780 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي دەسمايىسى ۋە %26.06لىك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بىلەن ھازىرقى باسقۇچتا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى بولدى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولدى.

  نۆۋەتتە ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باش ئىشتابى جۇڭگو بېيجىڭدا قۇرۇلدى شۇنداقلا كەلگۈسى ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باشقا يەرلىكلەردە ئاپپارات ياكى ئىشخانا تەسىس قىلىدۇ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشمىدە ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىدا بىر بانكا باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ، بۇ ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىن سايلىنىدۇ، ۋەزىيە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئۇدا ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

  كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، بۇ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ دەرھال قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ قېتىم كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە 57 دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋەكىللىرى تولۇق ئەمەس، تېخى تەرتىپنى بېجىرمىگەن قالغان دۆلەتلەر 2015-يلىنىڭ ئاخىرىغىچە كېلىشىمنى ئىمزالاپ بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر