باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» تارقىتىپ، كەپىلىك رايونلار بىلەن خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم يانداشما ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2015.07.01 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ يىلدا كەپىلىك رايوندىكى 18 مىليون يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-ئىيۇن تېلېگراممىسى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلار بىلەن خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم يانداشما ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دېيىلدى) نى تارقىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلار بىلەن خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم يانداشما ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئۆي قېيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلار بىلەن يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كەپىلىك رايونلاردىكى تۈرلۈك ئۆيلەردىن 20 مىليون 80 مىڭ يۈرۈش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەردىن 15 مىليون 650 مىڭ ئائىلىكنىڭ ئۆيى ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە كەپىلىك رايونلاردىكى تۈرلۈك ئۆيلەردىن 8 مىليون 200 مىڭ يۈرۈش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەردىن 5 مىليون 320 مىڭ ئائىلىك ئۆي ئۆزگەرتىلدى. ھازىر ئۆزگەرتىلمەكچى بولغان كەپىلىك رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسى ناچار، ئۆزگەرتىش قېيىن بولىۋاتقان بۆلەكلەردە بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، يانداشما ئۇل ئەسلىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە يەنىلا نۇرغۇن قېيىنچىلىق ۋە مەسىلە ساقلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزىلاردىكى قېيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، بىخەتەر ئۆيلەردە تۇرۇشتىكى تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر