- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندونېزىيە ھەربىي ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كېتىش ۋەقەسىدە 141 كىشى قازا قىلدى
2015.07.02 16:30 مەنبە: خەلق تورى
[شىنخۇا تورى، جاكارتا، 1-ئىيۇل تېلېگراممىسى] ھىندونېزىيە تاراتقۇسىنىڭ 1-ئيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كېتىش ۋەقەسىدە 141 كىشى قازا قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تالاپەتكە ئۇچرىغان 141 كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئايروپىلاندا 122 كىشى بار ئىكەن، لېكىن، ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى ئاگۇسنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلىغىنى 113 كىشى ئىكەن.
ھىندونېزىيە شىمالىي سۇماتېرا ئۆلكىسىنىڭ مېدان شەھىرىدىكى ئادام مالىك دوختۇرخانىسىنىڭ باياناتچىسى سائىرى ساراجى تېلېفون ئارقىلىق شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: دوختۇرخانىمىز 142 جەسەت خالتىسى قوبۇل قىلدى، بەزى جەسەت خالتىلىرىدىكى جەسەتلەر مۇكەمەل ئەمەس، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر