خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى شىنجاڭ 18849 ئىختىساس ئىگىسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. مائارىپ ساھەسى بۇ يىل ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ چوڭ ساھە بولۇپ، 4175كىشىگە ئېھتىياجلىق؛ خوتەن ۋىلايىتى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ ، 3115كىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق.
1-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2015-يىللىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇندەرىجىسى» ( تۆۋەندە « مۇندەرىجە » دېيىلىدۇ ) نى 29 - ئىيۇن ئېلان قىلغان .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى