باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكەي جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا قەدەم تاشلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

2015.07.03 17:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەت ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ماكەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىق-دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قورالى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى. ماكەي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم ھالقىلىق، ئورتاق تېخنىكىلاردا كۈچەپ بۆسۈش ياساپ، مۇھىم جابدۇقلارنى مۇستەقىل لايىھەلەش سەۋىيەسى ۋە سىستېمىنى توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش؛ يادرونى چۆرىدەپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق ۋە مەھسۇلاتلارنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى تېز يولغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىنى پائال قاندۇرۇش؛ ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىپ، جابدۇقلارنى سىرتقا چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كەسىپنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ شارائىت ھازىرلاپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت بىلەن قوللاشنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر