ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى سىياسىينى بىلىدىغان، تەرەققىياتتا يول ئاچىدىغان، ئامما بىلەن سىرداش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى
ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدىسۈرەتتە: پارتىيە بىلەن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ليۇ يۈنشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ غەربىي زالىغا كېلىپ، تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى نامىدا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى تەقدىرلەش بەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يۈكسەك شان-شەرەپ. كۆپچىلىك ئېلىمىزدىكى 2800 دىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)دىكى پارتكوم شۇجىلىرى ئارىسىدىن سايلانغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. سىلەر بىزنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى. بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، قابىلىيەتلىكلەرنى ئەتىۋارلايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، تېخىمۇ كۆپ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىدىغان ئۈلگە ۋە قوغلىشىدىغان نىشان تىكلەش، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ يەنە بارلىق كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. (شىنجاڭ گېزىتى)
مەنبە: خەلق تورى