- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بايدا ئۆزلىكىدىن بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار كۆپەيدى
2015.07.03 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسىنىڭ ئېكىلوگىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئۆزلىكىدىن بەدەن چېنىقتۇرىدىغنلار كۆپەيدى.
باي ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇپ، 40 مىليۇن يۈ ەن مەبلەغ سېلىپ ناھىيەدە پۇخرالار چېىنىقىش تەنتەربىيە مەيدانى، تەنتەربىيە سارىيى قۇرغاندىن باشقا، 4 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا-بازار، كەنت، مەھەللە ۋە باغچا، مەنزىرە ئارامگاھ، ئولتۇراق رايونى قاتارلىق 24 ئولتۇراق رايونى ۋە 112 ئاممىۋىي سورۇندا ئوخشىمىغان ئۆلچەم بويىچە چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىدى، ناھىيە تەۋەسىدىكى 16 يېزا-بازاردا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنت دەرىجىلىك ۋالىبول مەيدانىدىن 136 نى، ۋاسكىتبول مەيدانىدىن 69 نى ياسىدى. تىكتاك توپ تاختىيىدىن 110 نى، بىليارت تاختىيىدىن 48 نى، شاخماتتىن 104 نى سەپلەپ، ئاممىنىڭ چېنىقىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئۆنۈمگە ئېرىشتى.
ھازىر ھەر كۈنى كەچلىكلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ رەت-رەت تىزىلىپ كوچا ئۇسۇلى ئوينىسا، ئەتىگەنلىكى رەت-رەت تىزىلىپ گىمناستىكا ئويناۋاتقانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ يۈگۈرسە، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىتتىك مېڭىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر توپلۇشۇپ ۋالىبول، ۋاسكىتبول ئويناۋاتقانلىقىنى بىر كۆرگىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر