باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدە نۆۋەتتە تور، ئېلېكتىر كۈچى ۋە خەۋەرلىشىش سىگنالى نورمال بولماقتا

2015.07.03 19:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تورى مەركىزىي تور بېكىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 37.6 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.2 گىرادۇس ) دە 3-ئىيۇل سائەت 9:07 دە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  يەر تەۋرەش بۈگۈن ( 3-ئىيۇل ) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:07 دە يۈز بەرگەن، ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن 9:07 يەرلىككە نىسبەتەن ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇش ياكى ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ياكى ئىشىكتىن چىقىشقا تەييارلىق قىلىدىغان بولۇپ، كارۋات ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى بەزى نەرسە-كېرەكلەر يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر يەر تەۋرەشتىن ناھايىتى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن. يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىكى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى، كىيىم ئاسقۇچلار ئۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، گۇما ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى، تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى، كوئىنلون تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1811.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇخبىر تېلېفون، تور، QQ ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، بۇنىڭدىن نۆۋەتتە يەرلىكنىڭ تور، ئېلېكتىر كۈچى ۋە خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سەككىز بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئادەم يارىلانغانمۇ يوق ؟ ياكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلدىمۇ يوق تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەۋېتىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر