باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۈچ يولۇچىلار پويىزى توختىتىلدى

2015.07.03 19:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تورى مەركىزىي تور بېكىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 37.6 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.2 گىرادۇس ) دە 3-ئىيۇل سائەت 9:07 دە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول بۆلىكىدە تەۋرەش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قىسمەن ۋوگزاللاردىكى ئۆي ۋە ئەسلىھەلەر يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان.

  تۆمۈريول تارماقلىرى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بىر تۈتۈن-قەشقەر-خوتەن بۆلىكىنى تاقاپ ( تاقالغان بۆلەكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 782.5 كىلومېتىر )، تەۋرەش سېزىمى رايونى بۆلىكىدە قاتناۋاتقان ئۈچ نۆۋەتچى پويىزنى دەرھال توختاشقا بۇيرىغان ھەمدە دەرھال ئادەم كۈچى تەشكىللەپ تەۋرەش سېزىمى بۆلىكىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسى، كۆۋرۈك، تونېل، سىگنال قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن.

  توختاشقا بۇيرۇلغان ئۈچ يولۇچىلار پويىزى: ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەنگە بارىدىغان 7563-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە بارىدىغان K9787 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە بارىدىغان 7557 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۆۋەتچى پويىزلار نىشانغا كېچىكىپ بېرىشى مۆلچەرلەنگەن، ھەر قايسى يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىشىنى ياكى 12306 غا تېلېفون قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىنىشى ئەسكەرتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر