شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ يازلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 2015-يىلى 1-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بۇ مەزگىلدىكى ئومۇمىي يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 34 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.48 ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن «يېشىل رەڭلىك پويىز» ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا تۇنجى قېتىم يولۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال-بېيجىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان Z180/179 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يولۇچىلارنى ئازادە مۇھىت بىلەن بىلەن تەمىنلەيدۇ.