باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش رەسمىي باشلاندى

2015.07.03 19:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـــ شىنجاڭ ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 1-ئىيۇل قاتناش رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىمالىي شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭمۇ پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 428 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق ئۈچ مۇھىم شەھەرنى تۇتاشتۇرغان، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يولى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمىدە ياسىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى-كورلا، كۇچا-ئاقسۇ تاشيولىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم قاتناش يولى ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشقا كىرىشىشى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست بىلەن شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالا قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنى پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن تۇتاشتۇرغان.

  «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «بەش ئۆتۈشمە، يەتتە كېسىشمە» ھالەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يول تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «3-ئۆتۈشمە» بولغان ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يەنە قەشقەردىن ئېركەشتام چېگرا ئېغىزى تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگودىن ئوتتۇا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يولىغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر