باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى چىقاردى

2015.07.01 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ «قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ياردەم دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىكىردە ياردەمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى كۆپ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قانۇن ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلدى. ئەمگەك كاپالىتى، نىكاھ، ئائىلە، يېمەكلىك، دورا، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قانۇن ياردىمىنىڭ تولۇقلىما ئىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن ياردىمىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى، توساقلىرى ئازايتىلدى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، ئاياللار، قورامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلار ۋە ھەربىي ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق ئاممىغا قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارنى رازۋېدكا قىلىش، تەكشۈرۈش، شىكايەت قىلىش، سوتلاش قاتارلىق باسقۇچلاردا قانۇن ياردىمىگە ئېرىشتۈرۈش لازىم. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن ياردىمىدىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت كۆزنىكى، قانۇن ياردىمى خىزمەت پونكىتى، 12 مىڭ 348 قانۇن مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى، تور قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارغا تايىنىپ، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت سەھنىسى قۇرۇپ، مەسلىھەت مۇلازىمىتىنىڭ قوللىنىلىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر