باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

2015.07.01 16:27   مەنبە: خەلق تورى

داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 27–ئىيۇن جۇڭگو شىنجاڭ يوپۇغا ناھىيەسى 5 – نۆۋەتلىك داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى دۆلەت A 4 دەرىجىلىك سەيلىگاھ داۋاكۆل سەيلىگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يوپۇغا ناھىيەسى قەشقەر يېرىم سائەتلىك ئىقتىسادىي چەمبىرىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى تەرەققىياتى قەشقەرنىڭ چوڭ ساياھەت لېنىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. يوپۇغا ناھىيەسىدە دۆلەت A 4 دەرىجىلىك سەيلىگاھ داۋاكۆل سەيلىگاھى بولغان داۋاكۆل سەيلىگاھى، مىڭ يىللىق سۆگەت شاھى، توغراق شاھى قاتارلىق مول ساياھەت بايلىقلىرى بار بولۇپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكىدە «قەشقەرنىڭ ئارقا ھويلىسى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يوپۇغا ناھىيەسى ناھىيە ساياھەتچىلىكى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. 2011 – يىلى داۋاكۆل سەيلىگاھى دۆلەت A 4 دەرىجىلىك سەيلىگاھ نامىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى تېىخمۇ كۆپەتتى. 2013 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە ناھىيە 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سەيلىگاھ دەرۋازا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، سەيلىگاھ يول، توك، سۇ، كۆكەرتىش، ئالاقە قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. بۇلتۇر ئىيۇندىن بۇ يىل ئىيۇنغىچە داۋاكۆل سەيلىگاھى 1 مىليون 490 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) نى كۈتىۋېلىپ، 27 مىليون 600 مىڭ ساياھەت كىرىمى ياراتقان، ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىي قىلدۇرغان مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىن كىرگەن كىرىم 340 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ـــ بۇلتۇردىن باشلاپ بىز داۋاكۆلنى دۆلەت A 5 دەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدۇق. كەسپىي ساياھەت شېركىتىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىش ئاساسىدا بىز سەيلىگاھنىڭ ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، تۈرلۈك ئىقتىدار قۇرۇلۇشلىرى تېىىمۇ مۇكەممەللەشتى،- دېدى يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم قەيسەر قەييۇم ماڭا،- بۈگۈن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىز يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ، ساياھەتچىلەرنىڭ، سودىگەرلەرنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت، سودا ئىشلىرىنى قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ