باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا 78 مەيدان ئويۇن قويۇلىدۇ

2015.07.01 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، 4– نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى جەريانىدا 11 دۆلەت ۋە رايوندىن، ئىچكىرىدىكى ئالتە ئۆلكە، شەھەردىن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىن بولۇپ 25 سەنئەت ئۆمىكى بايرام جەريانىدا ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قارامايدا جەمئىي 78 مەيدان ئويۇن قويۇدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا 11 ئورۇندا مەيدان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، توققۇز ئورۇندا ئاساسىي مەيدان، ئاقسۇ ۋە قارامايدا بىردىن تارماق مەيدان تەسىس قىلىنىدىكەن. بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سانجىدا يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ چوڭ تىياتىرىدا بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق كېچىلىك «غەربىي دىيار شادلىقى» بىلەن باشلىنىدىكەن. يېپىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلق تىياتىرىدا بولۇپ، رۇسىيە دۆلەتلىك بالېت ئۆمىكى ئورۇندىغان «مىڭ بىر كېچە» بىلەن ئاياغلىشىدىكەن.

  ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى ئاساسىي تېما بولۇپ، رۇسىيە، بلوروسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق يىپەك يولىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى شىنجاڭ خەلقىگە تەقدىم ئېتىلىدىكەن؛ خەلقئارالىق ۋە سەنئەت خاسلىقى نامايەن قىلىنىدىكەن؛ ياپون تاقاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقى ئىپادىلىندىكەن؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يەرلىك خاسلىققا ئىگە سەنئەت نومۇرلىرىدىن «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت»، «يېڭىشەھەر مۇھەببىتى»، «باتۇر ماناس» قاتارلىقلار ئورۇنلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر