خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بىر ئەر 30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە يېڭى غول لېنىيەسى پويىزى ئىچىدە ئۆزىنى كۆيدۈرگەندە پويىزغا ئوت كەتتى. ھازىرچە بۇ ۋەقەدە بۇ ئەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 20دىن كۆپرەك يولۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ۋەقە سەۋەبى بىلەن، ياپونىيە توكايدو يېڭى غول لېنىيەسى پۈتۈنلەي توختىتىلدى، نۆۋەتتە ۋەقە سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى