خەلق تورى قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل شياڭگاڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بۈگۈن شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىگىنىگە 18 يىل بولغان كۈن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 8 دە، ئالتۇن سېرىس مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋمىڭ ھەم ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ نۇر ۇن رەھبەرلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئارقىدىن كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىىكىنى تەبرىكلەش ھاراق زىياپىتىگە قاتناشتى.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ تەبىرىكلەش ھاراق زىياپىتىدە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىل پۇرسەت ۋە خىرسقا تولغان يىل بولدى، جەمئىيەت ئەزالىرى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرىنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتەك تارىخىي پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زور زېھنىي كۈچى بىلەن ۋاقتىنى سەرپ قىلدى. لېكىن ئومۇمىي سايلام ماقۇللانمىدى، شياڭگاڭ مۇھىم تەرەققىيات-دېموكراتىيە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، لېكىن سىياسىي ئىسلاھات داۋامىدا، شياڭگاڭ جەمئىيىتى شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم پرىنىسىپىنى ئېتىراپ قىلدى، «نېگىزلىك قانۇن» بىلەن باشقا قانۇنلار بويىچە ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى