25-ئىيۇن ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئاخبارات مەركىزى تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى بىر زاۋۇتتا 133.3 كىلوگىرام خېروئىن، 775 كىلوگىرام ئەپىيون، 309 كىلوگىرام كەندىر، شۇنداقلا 177.2 كىلوگىرام باشقا مەست قىلغۇچى دورىلار ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇملار كۆيدۈرۈلگەن.
ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئاخبارات مەركىزىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزبېكىستان خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1994-يىلىدىن باشلاپ زەھەرلىك بۇيۇملارنى يىغىپ، كۆيدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆيدۈرۈلگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 54 توننىغا يەتكەن، يىغىۋېلىنغان زور قىسىمدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئاساسلىقى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار تەكشۈرۈپ يىغىۋالغان ھەمدە زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزىي بېكىتكەن زەھەرلىك بۇيۇملاردىن ئىبارەت.