باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى

2015.06.29 15:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ فېڭ يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھازىر ئالتە رايوندا باشلاندى، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇغۇرتا چىقىمى بۇلتۇرقىدىن تۆۋەنلەپ، سۇغۇرتا كاپالىتى نىسبىتى %77.6نى ئىگىلىدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۆۋەن خېيىم – خەتەر ئىستېمالچىلىرى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىدا نەپكە ئېرىشتى.

  بۇ يىل 1 – ئىيۇندىن باشلاپ، ھەر قايسى مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركەتلىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى، چىڭداۋ شەھىرىدىن ئىبارەت سىناق قىلىنىدىغان ئالتە رايوندا يېڭىچە ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى بەلگىلىمىسىدىكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئېلىمىزدە ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتوموبىل يېڭى سودا سۇغۇرتىسى بەلگىلىمىسىدە سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، مۆلدۈر، تەيفېڭ بورىنى، ئىسسىق بەلباغ بورىنى، شىۋىرغان، مۇز نوكچىسى، توزانلىق بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر، شوپۇرلۇق گۇۋاھنامىسى كۈچتىن قېلىش ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇش، نومۇر تاختىسى بېرىلمىگەن يېڭى شوپۇرلار، سۇغۇرتا قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بېسىلغان يۈك، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر كۈتۈلمىگەندە سوقۇلۇپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان، ئائىلە ئەزالىرى تالاپەتكە ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار سۇغۇرتا كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.

  ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: يېڭىچە ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ‹‹ئىقتىدارى›› يۇقىرى كۆتۈرۈلگەچكە، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئىستېمالچىلار كۆپەيگەن، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان قىسمەن رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن سەككىز پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن ئۆرلىگەن.

  ليۇ فېڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىدا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەش خاتىرىسى ياخشى، خەتىرى تۆۋەن خېرىدارلارغا ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30 ئېتىبار بېرىش چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، بۇ نىسبەت %50 تىن تۆۋەن ئېتىبار بېرىشكە ئۆزگەرتىلدى، ئىناۋىتى ناچار خېرىدارلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنىڭ لەيلىمە نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىككى ھەسسە ئۆرلىتىلىشى مۇمكىن. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى مۇۋاپىق پەيتتە مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر