باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئىسرائىلىيەنىڭ ئوغۇت تۈرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىككە تۈرتكە بولىدۇ

2015.06.30 11:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقىدىكى نوبىفون 300 مىڭ توننىلىق سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت تۈرى تۈنۈگۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى لىنشۇ ناھىيەسىدە رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈر-ئەلا سۈپەتلىك سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇتنى جۇڭگو ئېتىزلىرىغا كىرگۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە سۇ، ئوغۇت تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سۇ بايلىقىدىكى تەمىنات-تەلەپ زىددىيىتىنىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇشى-يېزا ئىگىلىكنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئاساسلىق توسالغۇغا ئايلاندى. ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تېمىتىپ، پۈركۈپ سۇغىرىپ سۇ تېجەيدىغان ئەسلىھە يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى تېزدىن كېڭەيدى. لېكىن، ئىچكى بازارلاردىكى سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىردەك بولماي، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇتنى كېڭەيتىش ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىرىكمە ئوغۇت كەسپىدىكى داڭلىق كارخانا بولغان جىنجېڭدا گۇرۇھى جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېزا ئىگىلىك ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزىنى سەھنە قىلىپ، ئىسرائىلىيەدىن سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت تەييارلاشنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن ھەم ئىسرائىلىيە ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن يېڭىچە ئوغۇت تەتقىق قىلىش ۋە سىنىق ھەمكارلىقىنى ئورناتقان. بۇ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن نوبىفون 300 مىڭ توننىلىق سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت تۈرىدە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ، مەھسۇلات سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، سۇ، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھىت بۇلغىشى ئازايتىلىپ، سۇ، ئوغۇت، ئىش تېخىمۇ تېجىلىدۇ ۋە زىرائەتلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ تۈردە، فوسفاتلىق فىلور ۋە سىلتىسىي ئېلېمىنتىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىلغان بولۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىلگىرىكى قىممەت ئوغۇتنى دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىرىغىچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر