خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- ئىيۇن خەلق سارىيىدا «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاشقا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلشىمنامىسى»نىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسىدى ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ تەشەببۇس ئىچكى- تاشقى جەھەتتە پائال قوللاشقا ئېرىشتى. «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلشىمنامىسى»نىڭ ئىمزالانغانلىقى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشتا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەم ئېلىنغانلىقىدۇر، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە قىلغانلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋىتىش- كەڭ قورساق بولۇش، تەرەققىيات يولىدا ئورتاق ئىزدىنىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايەن قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۈگۈن ئەزا دۆلەت ئىتتىپاقلشىپ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋىتىش- كەڭ قورساق بولۇش روھى بىلەن تولىمۇ ئىسل بولغان «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلشىمنامىسى»نى ئىمزالىدى. كۆپچىلىك كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرسىلا، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى ئېچىۋىتىلگەن، كەڭ قورساق، ئۆزئاا پايدا يەتكۈزىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى