- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ب د ت نىڭ مالىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى بىر ئۇزارتتى
2015.07.01 15:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 29-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2016-يىلى 30-ئىيۇنغىچە بىر يىل ئۇزارتىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى مالى ھۆكۈمىتى ھەمدە مالىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنى مالىنىڭ «تىنچلىقى ۋە يارىشىش كېلىشىمى»دىكى ۋەدىسى بويىچە داۋاملىق سىياسىي ئارزۇسى ۋە سەمىمىيىتىنى ساقلاپ، تىنچلىق كېلىشىمىدىكى مەزمۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 2012-يىلى مارتتا مالىنىڭ شىمالىدا ھەربىي ئۆزگىرىش بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2013-يىلى ئاپرېلدا مالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكى تەسىس قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر