ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 1-ئىيۇل ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېينادىكى ئىران يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن مېھمانساراينىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇ ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئايرىم ھالدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېيتقان.