باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئورتاق تىرىشىش، جۇڭگو- بىلگىيە مۇناسىۋىتىنى سۆھبەتتە ئورتاق تىرىشىش جۇڭگو – بىلگىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى

2015.06.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23- ئىيۇن خەلق سارىيىدا بىلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- بىلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئەمەلىي ھەمكارلىق نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – بىلگىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگوپ- بىلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك دوستانە، ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، پورت، خەۋەرلىشىش، ساياھەت، ئەدلىيە ئىشلىرىدا ياردەملىشىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئوڭۇشلۇق ھەمكارلاشتى. جۇڭگو بىلگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىلگىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، بىلگىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامنىڭ قۇيۇق ئالاقىسى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىشنى ساقلاپ، جۇڭگو – بىلگىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇميۈزلۈك دوستانە يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر