خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:)ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى(: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ۋە مائارىپ سېستىمىسىدىكىلەر بىرلىكتە ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش، ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش بىلەن بىرگە، بىر تۈركۈم ئاكتىپلارنى يېڭىدىن پارتىيەلىككە تەرەققىي قىلدۇردى. ھەمدە پارتىيە بىلىملىرىدىن ئىنتاھان ئېلىش، سۇئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پارتىيە بىلىملىرىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. مەزمۇنى ساغلام بولغان ئەدەبىي-سەنئەت، ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزىسىنىڭ 26-ئىيۇن ئېلىپ بارغان پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى