- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى: ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر قانۇننى بۇزۇپ دېلو بېجىرىشكە قول تىقسا جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
2015.06.30 17:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار دېلولارنى سۈرۈشتە قىلسا، بەلگىلىمە بويىچە خاتىرىلەش كېرەك. تۆنۈگۈن خ خ مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار دېلو بېجىرىشكە تەسىر قىلسا، قول تىقسا خاتىرە قالدۇرۇش، ئومۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نى يولغا قويۇپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ دېلولارنى سۈرۈشتە قىلىشىغا تۆۋەن چەك بېكىتىپ بەردى.
دېلو بېجىرىشكە تەسىر قىلىش، قول تىقىش مەنئىي قىلىنغان سەككىز خىل ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى
«بەلگىلىمە» دە، ج خ ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ دېلو بېجىرىشكە تەسىر قىلىشى، قول تىقىشى مەنئىي قىلىنغان سەككىز خىل كونكېرىت ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دېلو بېجىرگۈچى ئورۇنلار ۋە دېلو بېجىرگۈچى خادىملار ساقچى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، قانۇنلىق سۈرۈش قىلمىشى بىلەن دېلو بېجىرىشكە تەسىر قىلىش، قول تىقىشنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار دېلو بېجىرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئىشلارغا يوللۇققاندا، بىردەك تىزىملاش ھەم خ خ ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
بۇنداق تىزىملاپ خاتىرە قالدۇرۇش تۈزۈمىنى نەق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلارنى نازارەت قىلىش، قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىشكە تەسىر قىلىش، قول تىقىشقا ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى بايقىغان ھامان ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر