باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«مەكتەپ زوراۋانلىقى»غا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك

2015.06.30 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ30 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياش- ئۆسمۈرلەردىكى مەكتەپ زوراۋانلىقى دېلوسى كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە. مەسىلەن: شاپىلاق سېلىش، تاماكا يىقىش، ئارغامچا بىلەن باغلاش، سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ۋەھشىي ۋە قەبىھ قىلمىشلار. بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئابرۇي ئۈچۈن؛ بەزىلىرى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىش ئۈچۈن زورلۇق قىلىدۇ. ئۇلار بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا،ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۆپ ھاللاردا ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئاقىۋەت بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، زىيىنى ئېغىر، تەسىرى تېخىمۇ ناچار بولىدۇ. ھورمون جىنايەت ئۆتكۈزدىغانغا سەۋەب بولمايدۇ، بالاغەت مەزگىل ۋەھشىيانە بانىسى بولمايدۇ. جامائەت مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ياش-ئۆسمۈرلەر زوراۋانلىقنى تىزگىنلەشتە ئەمدى سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ.

  مەكتەپ زوراۋانلىقى ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، بۇ بىۋاسىتە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك، ئىشەنمەسلىك پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن زوراۋانلىققا ئۇچۇرىغان بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قورقۇنچلۇق چۈش. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەتراپىدىكى بالىلارغا ۋەھىمە ئېلىپ كېلىشى، پىسخىكىسى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.ئەگەر راستتىنلا مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولساق، ئاتا-ئانا، چوڭلار ھاياتقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىغا كىشىلەر ئۆزئارا قانداق ئۆتۈش كېرەكلىكىنى، مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقلى بىلەن، سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاشۇ ناچار قىلمىشى ياكى ئېغىر ناچار قىلمىشى ئارقىلىق جەمئىيەتتە يامان تەسىر قوزغىغان، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن لېكىن ياش مەسىلىسى سەۋەبلىك مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن بالىلارغا قارىتا، قانۇن يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش چارىسى قوللىنىش كېرەك.

  توردا تارىلىپ يۈرگەن زوراۋانلىق مەدەنىيىتىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەيلى تور، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، ياكى ئويۇنلاردا بولسۇن بۇنداق زوراۋانلىق مەدەنىيەتى بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. زوراۋانلىق مەدەنىيەتى زوراۋانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتنى ئاسان سۇسلاشتۇرىدۇ، بىلىندۈرمەستىن بالىنىڭ زوراۋانلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە، بىزدە قېلىپلاشقان تۈزۈم كەمچىل.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر