خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:)ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى(: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە 2-يۈرۈش قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كورلا شەھەر شاڭخو بازارلىق مەركىزى مەكتىپىدە زىيارەتتە بولدى. ئۇلار مەكتەپ دەۋرازىسىدىن كىرىپلا مەكتەپ مۇھىتىنىڭ نەقەدەر پاكىزلىقىنى، مەكتەپ تۆت ئەتراپىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەكمۇ مەننۇن بولدى، ئارقىدىن ئۇلار مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە، قوش تىل ئوقۇتۇشى، بىخەتەرلىك، قانۇن-تۈزۈم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتلەردىكى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى تەپسىلى ئىگىلىدى، ئۇلار زىيارەت داۋامىدا شاڭخو بازارلىق مەركىزى مەكتەپنىڭ يۇقارقى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىغا يۇقۇرى باھا بەردى.
سۈرەتتە: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە 2-يۈرۈش قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى شاڭخو بازارلىق مەركىزى مەكتىپىدە زىيارەتتە
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى