باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ

2015.06.04 18:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆلكە بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇقتۇردى. نەنچاڭ، يىچۇن ئىككى شەھەردە بۇ تۈرلۈك خىزمەت ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، باشقا شەھەرلەردە «شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە يولغا قويۇش» پرىنسىپى بويىچە تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدا، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسىدە پەرقلەر كۆرۈنەرلىك، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەپ تۇرغان گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. 2014-يىلى جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ناھىيەسى قاتارلىق 11 ناھىيە(رايون)دا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى مۇدىرلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ئالماشتۇرۇش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بىر تۈركۈم شەھەر رايونىدىكى ياخشى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كەنت مەكتەپلىرى، ئاجىز مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر مەكتەپلىرىدىكى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى ئارتىپ كېتىشتەك ئەھۋالنى يەڭگىللەتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر