- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى«كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى
2015.06.04 17:09 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 3-ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتېڭى يېقىندا «كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭغا قارىتا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، «باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە دائىر ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى.
سۇئال:«باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ نىمە ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ: كەسپىي ئورۇنلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. ھازىر ئېلىمىزدە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي ئورۇن، 30 مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم بار. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. «باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ تۈزۈلۈشى «مەركەزنىڭ تەلىپى بارلىقى، رېئال ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇتلىقى»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەركەز تارىختىن بۇيان ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. 2011-يىلى مەركەز كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش قارار-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىقىرىپ، «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، 4-ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، مەركەزنىڭ يېڭى روھى ۋە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى باشقۇرۇشتا مەمۇرلار قانۇنى ۋە «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇش خىزمەت نىزامى»قاتارلىقلار بار، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»قاتارلىقلار بار. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش ئۇزۇنغىچە پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى تولۇق نامايەن قىلىدىغان سىياسەت ۋە قانۇن-نىزام سېستىمىسى شەكىللەندۈرمىگەچكە، بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر