خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئاپرېل سائەت 10:30دا، خوتەن شەھەرلىك كيا يېزىسى بازار كەنتىدىكى كيالىقلار يېپەك ئەتلەس چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئوسمان تالپ توقۇش ئۆيىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە.كالا مۈڭگۈزى موكىسىنى تۇتقىنىچە، موكىنى ئەتلەس ئۈستىدە چاققانلىق بىلەن سولغا 20نى، ئوڭغا 20نى ھەرىكەتلەندۈرگەندىلا ئاندىن بىر سانتىمېتىر ئەتلەس توقۇيالايدۇ.