- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ نەق مەيدانغا بېرىپ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
يۆتكەشكە بولىدىغان بارلىق كۈچنى يۆتكەپ، بارلىق تەدبىرنى قوللىنىپ، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
2015.06.03 16:15 مەنبە: خەلق تورى
چۇڭچىڭ «شەرق» پاراخوت شىركىتىنىڭ 458 يولۇچى ئولتۇرغان يولۇچىلار پاراخوتى 1-ئىيۇن كەچتە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇنغا ئۇچراپ ئۆرلۈپ كېتىپ كۆمتۈرۈلۈپ قالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. لى كېچياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن 2-ئىيۇن ئەتىگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى. سۈرەتتە: لى كېچياڭ 2-ئىيۇن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنلى ناھىيەسىدىكى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ «شەرق» پاراخوت شىركىتىنىڭ 458 يولۇچى ئولتۇرغان يولۇچىلار پاراخوتى 1-ئىيۇن كەچتە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ كۆمتۈرلۈپ قالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن 2-ئىيۇن ئەتىگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر