باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيلى

ئاپتونوم رايون ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.06.15 18:58   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيلى

  ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى 14 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 11 – نومۇرلۇق، 28 – نومۇرلۇق ھۆججىتى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى››نىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشى بىلەنلا، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق ئالتە دىننىڭ ۋەكىللىرى، ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 700 دىن ئارتۇق كىشى دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  يىغىندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىققا كەلگەن 70 نەپەر ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زاتلار›› تەقدىرلەندى. قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇقادىر ساۋۇت، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ‹‹چىڭچۈەن›› بۇتخانىسىنىڭ راھىب كالانى جى رېن، ماناس ناھىيەسى لياڭجۇخۇ بازىرى جۇاڭلاڭخۇ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ما دېجۈن تەقدىرلەنگەن دىنىي زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  دىنىي زاتلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى

  جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ دىن ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دىن خىزمىتىدە يېڭى ھەم مۇھىم قەدەم باستى. ھازىر شىنجاڭدا دىن ئومۇمىي جەھەتتىن ساغلام، تەرتىپلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، دىنىي زاتلار ۋەتەن ۋە خەلقنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قوللاشتا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى؛ مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹خەلقنى بېيىتىش›› جەھەتتە رولىنى جارى قىلدۇردى؛ توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن بولغان كۈرەشتە رولىنى جارى قىلدۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، پەزىلەتتە ئامما ئېتىراپ قىلغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان قوشۇن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي كۈچ، ئىشىنىشكە بولىدىغان تايانچ كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىنىي ساھەدە يەنە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئىگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە يېتەرسىزلىك ساقلانغانلىقى، دىن قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ‹‹ئېنىق بىرنېمە دەپ بېرەلمەسلىك، توغرا گەپ تېپىپ بېرەلمەسلىك، قايىل قىلالماسلىق››تەك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى؛ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، دىننى باشقۇرۇش ۋە دىنلار ئىناقلىقىغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  دىن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىن فاڭجېنى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: دىن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېنى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  دىننىڭ بەش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ دىن مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئاممىۋىلىقى، مىللىيلىكى، خەلقئارالىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى بار. مۇرەككەپ دىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەم دىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇش، ھەم دىندىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆرۈش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دىن مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دىن خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك. بەش يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىن خىزمىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئاممىۋى خىزمەت ئىكەنلىكى، ئېتىقادتىكى پەرققە سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئاقىلانىلىك پوزىتسىيەسى بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىدىيەگە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى ئىدىيەۋى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش، مەدەنىيەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش، ئۆرپ – ئادەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش، دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەردە خىزمەتنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ياخشى پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا بىر قۇلۇپنى بىر ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ، دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش مەقسەت قىلىنغان.

  ‹‹بەش تونۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹بەش تونۇش›› توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە يەتمەكچى بولغان تۈپ نىشان. ھازىر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش تونۇش›› تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى تەربىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت كۈرەش مۇساپىسىدىن كۈچ توپلاشقا يېتەكلەپ، ۋەتەت چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. دىنىي زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئاۋۋال دۆلەت پۇقراسى، دۆلىتىمىز ‹‹ئاساسىي قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇقرالار ئاساسىي ھوقۇقىدىن بەھىرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن – نىزامغا رېئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىشى كېرەك. ئاۋۋال ياخشى پۇقرا بولغاندا، ئاندىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياخشى ئامما بولغىلى بولىدۇ. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋەتەن ۋە دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ۋە مىللەتنىڭ روناق تېپىشىنى مەسئۇلىيىتىم دەپ بىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆزلۈكىدىن ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇش بىلەن بىللە، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياخشى ئامما بولۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ‹‹تۆت جۈملە سۆز›› ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشتىن ئىبارەت. دىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش››تىن ئىبارەت ‹‹بەش جۈملە سۆز›› ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ ‹‹بەش جۈملە سۆز›› بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئورگانىك گەۋدە، ‹‹قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش››، ‹‹ئەسەبىيلىكنى توسۇش››، ‹‹سىڭدۈرمىچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش››، ‹‹جىنايەتكە زەربە بېرىش››نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن قانۇنلۇقلىرىنى يەنىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسىي پىرىنسىپنى دىن مەسىلىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي ئاساس دەپ بىلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى›› ۋە ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت بۇ پائالىيەتنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى؛ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپىنى قوغداشنىڭ مۇھىم تەدبىرى؛ دىن ساھەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم شەكلى؛ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيدىغان مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  بەشتە ياخشى دىنىي زات بولۇشنىڭ ئۆلچىمى: بىرىنچى، ۋەتەننى – دىننى سۆيۈش. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش؛ دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى دىنلارنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش. ئىككىنچى، ۋەز – تەبلىغنى ياخشى سۆزلەش. دىنىي تەشكىلاتلار ۋەز – تەبلىغنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى قانۇن – نىزام ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە شەرھلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەش؛ ۋەز – تەبلىغ سورۇنلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسىنى دائىم تەشۋىق قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى تەشەببۇس قىلىش؛ قانۇن، سىياسەت ۋە دىنىي ئەقىدىلەردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك رەزىل سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىش. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى بولۇش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدسىز گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپلارنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىش؛ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما بىلەن ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش. تۆتىنچى، مەدەنىي ھەم دىنىي ئىستىلى ياخشى بولۇش. ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى ئىلىم – پەن، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي كەيپىياتقا ئىنتىلىپ، ساغلام مەدەنىي تۇرمۇشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، پەن – تېخنىكا ۋە ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش؛ دىنىي ئىستىلى دۇرۇس، ئەخلاقى ياخشى، سۆز – ھەرىكىتى بىردەك، قائىدە – يوسۇنلۇق بولۇش، بېرىلىپ ئىستىقامەت قىلىش؛ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. بەشىنچى، ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلىرىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش؛ توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش؛ زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قانۇن ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھالقىلىق پەيتلەردە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشكە پائال ماسلىشىش ۋە ئۇنى قوللاش؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پائال يېتەكلەپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز كېيىنكى قەدەمدە يەنە ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات›› ۋە ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى›› ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دىنىي زاتلار ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ پائالىيەتنى پۇختا ھەم ياخشى يولغا قويۇپ، بۇ پائالىيەتكە پائال قاتنىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ دىنىي زاتلار يۇقىرىقى بەش ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بەشتە ياخشى دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىشى كېرەك.

  دىنىي زاتلار دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دىنىي زاتلار دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت. دۆلىتىمىزدىكى دىنلار سوتسىيالىزىم شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىنىي ئىشلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋر مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، دەۋر روھىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا، ئاندىن ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىنىي ئىشلارنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان روھىي ھالەت ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش روھى بويىچە، دىنىي ئىدىيە، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ شەرھلەپ، دىنىي ئىشلارغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق سۇغىرىپ، دەۋر مەزمۇنىغا تولۇق ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنى نورمال، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  دىن خىزمىتىدە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر قوللىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئېقىۋاتقان ئۇسۇل، شۇنداقلا دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشنىڭ مۇقەررەر يولى. دىنغا ئېتىقاد قىلىش شەخسىيلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىشى. لېكىن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئاۋۋال دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش پۇقرالارنىڭ تۈپ مەجبۇرىيىتى؛ دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەر جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، قانۇن – نىزاملارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ؛ سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىمىز ۋە ھاكىمىيىتىمىزنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ قانۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ھازىر دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپ. دۆلىتىمىز سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ. قانۇن بارلىق پۇقرانى چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش پۇقرالارنىڭ تۈپ مەجبۇرىيىتى. مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن ياكى قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇپ، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى باراۋەر. قانۇندىن ھالقىغان جاي، قانۇندىن ھالقىغان ئادەم، قانۇندىن ھالقىغان دىن بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئاساسىي قانۇندا: ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، پۇقرالارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى جەزمەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. دىن ئەسەبىيلىكى ۋە دىن ئەسەبىيلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئۆلتۈرۈپ، مىللەت، دىننى تۇتقۇن قىلىپ، دىندىن خالىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. دىن ئەسەبىيلىكى دىنىي ئەقىدە ئەمەس، بەلكى دىننى بۇرمىلاپ، دىنغا شەك كەلتۈرۈپ، دىننى دەپسەندە قىلغانلىق ھەم دىندىن چىققانلىق. دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ يامرىشى دىنلار ئىناقلىقى ئۈچۈن زور تەھدىت، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن رېئال خەۋپ بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زور زىيان يەتكۈزدى. شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دىنىي زاتلار دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە دادىل قارشى تۇرۇپ، ئىسلام تۇغىنى كۆتۈرۈۋالغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئەيىبلەپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش ‹‹تەقۋادارلىقنىڭ ئىپادىسى›› دېگەن بىمەنە سەپسەتىسىنى پاش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى ۋە دىن ئەسەبىيلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  دىن ئەسەبىيلىرى ‹‹<غازات> يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلغاندا، ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە، ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەيىبلىشىمىز؛ دىن ئەسەبىيلىرى ئاممىنىڭ دىندىن خالىي تۇرمۇشىغا ئارىلاشقاندا، ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنى يېتەكلەشكە جۈرئەت قىلىشىمىز؛ دىن ئەسەبىيلىرى ئاممىنىڭ زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنى چەكلەش غەرىزىدە بولغاندا، ئوتتۇرىغا چىقىپ رەددىيە بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، مېڭىمىزنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، دىن ئەسەبىيلىرى بىلەن بولغان كۈرەش بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش بولۇپ، مۇرەسسە قىلىشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەت يوق، ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلغانلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئازدۇرغانلىق، جەمئىيەت ۋە خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىمىزمۇ يامان ئاقىۋەتكە قالىمىز.

  دىننىڭ ئىجابىي رولىنى جەزمەن ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹بەش ئاچقۇچ›› نى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ تەدبىرنى تەڭ تۇتۇش›› كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە زەربە بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە گەۋدىلىك بولغىنى ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش ۋە كەيپىيات يارىتىش، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىشتا گەۋدىلىك بولغىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىتىپ، توغرا دىنىي ئەقىدە ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئاڭلىقلىقىنى قوزغاش. بۇ ھازىرقى مەزگىلدىكى بىر قەدەر بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىشتا ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. دىننىڭ ئىجتىمائىي رولىنىڭ ئاكتىپ تەرىپىمۇ، پاسسىپ تەرىپىمۇ بار. دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش جەريانى ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، پاسسىپ ئامىللارنى چەكلەش جەريانى بولۇشى كېرەك، شۇڭا پاسسىپ ئامىللارغىلا ئېتىبار بېرىپ، ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، پاسسىپ ئامىللارنى چەكلەشكە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. دىندىكى تىنچلىققا ئىنتىلىش، تالاش – تارتىشنى تۈگىتىش، مېھرىبان، دوستانە بولۇش قاتارلىق ياخشى ئىدىيە ۋە ئاكتىپ ئامىللارنى كۈچەپ قېزىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، زامانغا لايىق بولمىغان مەزمۇنلارنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش شۇنىڭدەك دەۋر تەلىپى قاتارلىق تەرەپلەردىن توغرا شەرھلەش ھەم زامانىۋى تۇرمۇش تەلىپى بويىچە ئىزاھلاش كېرەك.

  دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشى كېرەك. ‹‹سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، پەزىلەتتە ئامما ئېتىراپ قىلغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينايدىغان بولۇش››تا چىڭ تۇرۇشنى ئۆزىگە بولغان تەلەپ ۋە تىرىشىش نىشانى قىلىپ، لاياقەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دىنىي زاتلار كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر دەپ بىلىش؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق – ناھەق قارىشى ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى، نېمىنى قىلسا بولىدىغان، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى؛ دىنىي بىلىم سەۋىيەسى ۋە ۋەز – تەبلىغ، تەپسىر قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قانائەتلەندۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، توغرا ئېتىقاد قارىشىنى ئاكتىپ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشى؛ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى؛ پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىدىغان، پەن – تېخنىكا بىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان، ئەمگىكى ئارقىلىق، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇشى؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەشكە، ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلەپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دىن خىزمىتىگە ئالاقىدار ئاساسىي سىياسەت ۋە قانۇن – نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 11 – نومۇرلۇق ھۆججىتى، 28 – نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە يېڭىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى›› نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ‹‹بەش ئاچقۇچ›› نى ياخشى ئىشلىتىپ، دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرتىپلىك، مۇۋاپىق، تىزگىنلەشكە بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي بىلىملەرنى توغرا ئىگىلەشكە ئالاقىدار قانۇنلۇق يوللىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش؛ دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پەن – مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە بوشلۇق بەرمەي، دىنىي پائالىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ – ئادەت، نورمال دىنىي ئېتىقاد بىلەن دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ چېگراسىنى توغرا ئايرىپ، دىنىي پائالىيەتنىڭ قانۇنلۇق، تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك بولۇشىغا كاپالەتىك قىلىش؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دىنىي خادىملارنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىككى دەرىجە بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەش، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە قەرەللىك ئۆگىتىپ تەربىيەلەش ۋە ۋەزىيەت، ۋەزىپىگە ئاساسەن تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئۈچ قاتلام بويىچە تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي ئەخلاقنى ساقلاپ، توغرا ئېتىقادنى تەشەببۇس قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئىناق ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىن روھىنى تېزلىكتە ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي تونۇشى ۋە باش تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم توغرا ئىگىلەپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  نەيىم ياسىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…