باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇسىبەتنامىسى

يولداش چياۋ شى ۋاپات بولدى

2015.06.15 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇسىبەتنامىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقتىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، مەشھۇر پۇرۇلتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىئون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى، ج ك پ 13-، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش چياۋ شى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 7 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش چياۋ شى 1924-يىلى 12-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلابىي ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. 1940-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى يەر ئاستى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي يەر ئاستى پارتىيەسى يېڭى شەھەر رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرى شىمالىي 1-رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار پارتكومىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «9-دېكابىر»دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈپ، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ھەم ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، شاڭخەي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.

  يولداش چياۋ شى 1949-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو بيوروسى ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەنشەن پولات -تۆمۈر قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، جيۇچۈەن پولات-تۆمۈر شىركىتى لايىھىلەش يۇرتىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە پولات-تۆمۈر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، جيۇچۈەن پولات-تۆمۈر شىركىتى شەنشى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1963-يىلى 4-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، تەتقىقاتچى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋە ئىدارە باشلىقى بولغان.

  يولداش چياۋ شى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن ھەم قاماپ قويۇلغان بولۇپ، «7-ماي» كادىرلار مەكتىپىگە ئىككى قېتىم ئەۋەتىلگەن.

  يولداش چياۋ شى 1978-يىلى 1-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى بولغان. 1982-يىلى 9-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان.

  يولداش چياۋ شى 1983-يىلى 6-ئايدا قوشۇمچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1984-يىلى 4-ئايدا، يولداش چياۋ شى قوشۇمچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1985-يىلى 7-ئايدا، يولداش چياۋ شى ج ك پ مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. شۇ يىلى 9-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. 1986-يىلى 4-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان.

  1987-يىلى 11-ئايدا، يولداش چياۋ شى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.

  1989-يىلى 3-ئايدا، قوشۇمچە ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، يولداش چياۋ شى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان.

  يولداش چياۋ شى 1992-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1992-يىلى 11-ئايدا، قوشۇمچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. يولداش چياۋ شى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىقتىسادىي قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئىقتىسادىي قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، يۈزدىن ئارتۇق قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن قارار لايىھەسى قاراپ چىقىرىلىپ ماقۇللانغان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە پۇختا ئاساس سېلىنغان.

  يولداش چياۋ شى 1988-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن. ئۇ رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى، بولۇپمۇ دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ سەمىمىي ساداقىتى ۋە تەۋرەنمەس روھىنى نامايان قىلغان.

  يولداش چياۋ شىنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي، جەڭگىۋار، شانلىق ھايات، شۇنداقلا ھەقىقەت ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب خىسلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى يۈز يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يولداش چياۋ شى مەڭگۈ ھايات!

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر